What's New

.بەزى خاتالىقلار تۈزىتىلدى
تاۋۇش ئوقۇلۇشى قوشۇلدى.
كۈندە بىر جۈملە كورىيە تىلى ئۆگىنىش سەھىپىسى قوشۇلدى.

App Description

كورىيە تىلى توغرىسىدا

بىزگە يېقىن بولغان خوشنا دۆلەت كورىيە سىزگە تونۇش ياكى ناتونۇش. لېكىن سىز كۆرگەن كورىيە كىنو-فىلىملىرىدىن كورىيە خەلقىنىڭ تولىمۇ مىھماندوس ۋە ئىنتايىن ئەدەپ-قائىدىلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىدىن، بۇلارنىڭ بىز ئۇيغۇرلار بىلەن مەلۇم خىل مەدەنىيەت ئوخشاشلىقىمىز بارلىقىنى ھېس قىلىسىز(يەنە بىر كۆرسەم دىگەن كىنونى كۆرمىگەنلەر يوققۇ دەيمەن) . ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق. مىسالەن، كورىيە ۋە چاۋشىيەننىڭ دۆلەت تىلى بولغان كورىيە تىلىدىن مۇنازىرە باشلىساق، كورىيە تىلىنىڭ ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىغا تەۋە ئىكەنلىكىدىن ھەقىقەتەنمۇ بىز ئۇيغۇرلار بىلەن ئازراق بولسىمۇ باغلىنىشى بارلىقىنى بايقايسىز. تىل سېستىمىسى بىر بولغاچقا، كورىيە تىلىمۇ ئۇيغۇر تىلىدەك ئاۋال شەخىس ئاندىن ئورۇن-جاي، ئەڭ ئاخىردا ئىش-ھەرىكەت ئىپادە قىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرچىدا مەن ئۆيگە كېتىۋاتىمەن دېگەن گەپنى كورىيەچىدىمۇ مەن ئۆيگە كېتىۋاتىمەن دەپ ئىپادە قىلىسىز، لېكىن ئىنگىلىزتىلىدا بولسا مەن كېتىۋاتىمەن ئۆيگە دەپ ئىپادە قىلىسىز. ھەتتا بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا چوڭلارنى سىلى، سىز دەپ ھۆرمەت سۆزى قوشۇپ ئىشلىتىشىمىز كورىيانچىدىمۇ ئوخشاشتۇر. كورىيانچىدىمۇ چوڭلار ۋە كىچىكلەرگە سىپايە سۆزى قېتىپ ئىشلىتىدۇ، ھەتتا كورىيەلىكلەرنىڭ بۇ خىل ھۆرمەت سۆزىنى قېتىپ ئىشلىتىشى بىزدىن ئېغىرراق. دېمەك مانا بۇلار تىل سېستىمىسىنىڭ ئوخشاشلىق ۋە پەرقلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەمدى بىر مىللەتنى چۈشىنىش ياكى قىزغىن باردى-كەلدىدە بولۇش ۋە ياكى باشقا مەقسەتتە شۇلارغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن، شۇ مىللەتنىڭ تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ باشقا ئىلگىرلەش يولى ئۈستىدىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ. مەن شۇ مەقسەتلەر بىلەن ۋە ساياھەتنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلار ئۈچۈن، قولۇمدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق بىلەن سىلەر كۆرۈۋاتقان بۇ «كورىيە تىلى» ناملىق ئەپنى ياساپ چىقتىم. ياساش جەريانىدا ئۆگەنگۈچى دوستلارنىڭ تېز ھەم ئاسان ئۈگىنىۋىلىشى ئۈچۈن، ئامالنىڭ بارىچە ئاددىي بولۇشقا ئەھمىيەت بەردىم. بۇ ئەپنىڭ دوستلارنىڭ كورىيە تىلىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئاز-تولا ياردىمى بولۇشى ئۈمىد قىلىمەن. ئوقۇش ۋە خىزمەت ۋاقتىمدىن سرت ۋاقىت ئاجرىتىپ تەييارلىغانلىقىم ئۈچۈن خاتالىقلاردىن خالى بولۇشۇم ئېنىق، شۇڭا كەڭ دوستلارنىڭ بۇ ئەپتىكى بايقىغان ھەر قانداق پىكىر-تەلەپلىرى بولسا، ماڭا ئېلخەت ئارقىلىق ئېرىنمەستىن دىيىشىنى سەمىمىي ئۈمىد .
قىلىمەن.
ئالاھىدىلىكى.
مەزكۇر ئەپ ئارقىلىق كورىيانچىدىن ساۋادىڭىزنى چىقىرالايسىز،
سۆز-جۈملىلىرىنى ئېنىق ھەم تەپسىلىي يازدىم.
ئاڭلاش مەشىقى ئۈچۈن كورىيەنىڭ رادىئو چاستوسىنى ئۇلاپ قويدۇم
(دا ئاڭلىشىڭزنى تەۋسىيە قىلىمەنWi-Fi)
كورىيە ساياھەتكە كەلگەنلەرگە قولاي بولسۇن دەپ، ئىشلىتىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولغان سۆز-جۈملىلەرنى ھەمدە كورىيەدىكى مېھمانسارايلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستىمال باھاسىنى ، مۇسۇلمانچە تاماقخانا رايونىنى، ئوتتۇرىچە ئىستىمال سەۋىيەسىدە قانداق سودا قىلىش ۋە يول سوراش قاتارلىقلارنى قوشۇپ قويدۇم. كورىيەدىكى ئوندىن ئارتۇق ساياھەت رايونىغا قانداق بېرىش ھەمدە قانداق ساياھەت قىلىش قاتارلىقلارنىمۇ يازدىم
كورىيەدە ئوقۇش ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقانلار ئۈچۈن قانداق پاسپورت بىجىرىش، قانداق ۋېزا ھەل قىلىش ھەققىدە قوشۇمچە توختالدىم
ۋە بەزى مەكتەپلەرنىڭ كېتىدىغان ماترىياللارنى چىقرىپ قويدۇم .ھەمدە كورىيەدىكى ھەر قايسى كەسىپلەر بويىچە داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ چىقتىم
لۇغەت- تور لۇغىتى بولۇپ خەنزۇچە.ئىنگلىزچە .فىرانسۇزچە.تۈركچە،ئۆزبەكچە......تىللىرى ئارقىلىق كورىيەچە سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆز ئارا ئىزدەپ تاپالايسىز.
كېيىنكى نەشىرىگە ئاۋازلىق ئۈگۈتلەر قوشۇلىدۇ.

iPhone Screenshots

(click to enlarge)

كورىيە تىلى screenshot 1 كورىيە تىلى screenshot 2 كورىيە تىلى screenshot 3 كورىيە تىلى screenshot 4 كورىيە تىلى screenshot 5

App Changes

  • June 18, 2014 Initial release
  • August 07, 2014 New version 1.2
  • August 07, 2014 Price increase: FREE! -> $0.99
  • August 13, 2014 Price decrease: $0.99 -> FREE!
  • January 06, 2015 Price increase: FREE! -> $0.99
  • March 07, 2015 Price decrease: $0.99 -> FREE!
  • January 10, 2016 Price increase: FREE! -> $0.99
  • December 19, 2016 Price decrease: $0.99 -> FREE!