What's New

1. 修复一些bug

App Description

ئۈرۈمچى يارقۇت مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلەش، شىركەت-كارخانىلارنىڭ تەشۋىقات لايىھىسىنى تۈزەش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ياردەم بېرىش، ئىقتىساد ئاخباراتچىلىقى، يېڭى تۈر ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىدىغان مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى. شىركىتىمىز 2012-يىلى ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدە تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى لايىھىلەپ چىقىپ، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەشتىكى تۇنجى تېلېۋىزىيە پروگراممىسى بولغان «ئىگىلىك سەھنىسى» پروگراممىسىنى يولغا قويدۇق. «ئىگىلىك سەھنىسى» پروگراممىسى يولغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان ھەر ساھەدىكى 150تىن ئارتۇق ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ تەجرىبىسىنى تونۇشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىقتىسادىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، مىللىي ئىقتىسادنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە بىر كىشلىك تۆھپە قوشۇپ كەلدۇق.
سىز كۆرۈۋاتقان «دۇكاندار» ناملىق ئەپ دىتالى شىركىتىمىزنىڭ 2015-يىللىق يېڭى تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
«دۇكاندار»دا 1.دۇكاندار 2.مەسلىھەت 3.سودا-ساراي 4.ئۇچۇر 5.سەرخىل 6.يېڭىلىق 7.ۋاكالەتچى 8.سۇئال-جاۋاپ 9.تەنەپۇس قاتارلىق توققۇز چوڭ تۈر بار. سىز «دۇكاندار» ئارقىلىق دۇكان ئېچىشتىكى مول تەجرىبىلەرنى ئۆگىنەلەيسىز، دۇكان ئېچىشتا يۇلۇققان مەسىلىلەرگە جاۋاپ تاپالايسىز، دۇكان تىجارىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنالايسىز، مودا، سۈپەتلىك، ناھايىتى ئەرزان بولغان ماللارغا ئۇچراپ قالىسىز، دۇكىنىڭىزنىڭ تىجارىتىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرىدىغان تۈرلەرگە ئىگە بولىسىز، دۇكاندارچىلىقتىكى چۆپقەت ۋە ھەمكارلاشقۇچىلارنى تاپالايسىز، ئۆز يۇرتىڭىزدىن باشقا جايلاردىكى تىجارەت ئەھۋاللىرىنى بىلىپ تۇرالايسىز. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر كۆپرەك توپلانغان سودا سارايلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولالايسىز. چەتئەل ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى يېڭىدىن ئېچىلغان دۇكانلار ۋە بۇ دۇكانلارنىڭ تىجارەت ئۇسۇلى شۇنداقلا تەجرىبىلىرىنى ئۆگۈنەلەيسىز.تىجارەتكە ئائىت يۇمۇرلار، ھەجىۋە رەسىملەر ۋە قىزىقارلىق مەزمونلار سىزنى كۈلدۈرۈپ، چارچىغان نېرىۋىڭىزغا ئارام بېرەلەيدۇ.
تىجارىتىڭىز «دۇكاندار» دا تېخىمۇ يۈكسەلسۇن!

iPhone Screenshots

(click to enlarge)

دۇكاندار screenshot 1 دۇكاندار screenshot 2 دۇكاندار screenshot 3 دۇكاندار screenshot 4 دۇكاندار screenshot 5

App Changes

  • April 29, 2015 Initial release
  • June 15, 2019 New version 1.1.2

Other Apps From Otkur Biz

باغداش تورى ئالامەت Apandim ئەلۋەك تورى يۇمۇرلار USLube ھېساباتچى Watching Media Bulut Bazar xjadwokat 布鲁街商家版 iffil.biz 布鲁街接单宝 Mamkap