App Description

بۇ كىتابنىڭ بىرىنچى نەشرى 1937- يىلى بېسىلغان ۋە ھىندىستاننىڭ كۆپلىگەن مەدرىسەلىرىدە ۋە پاكىستان قۇرۇلغاندىن كېيىن، پاكىستاننىڭمۇ كۆپلىگەن مەكتەپلىرىدە رەسمىي دەرسلىك كىتاب قىلىپ بىكىتىلدى. بۇ 26 يىل ئىچىدە، ھازىر 23- قېتىم نەشىردىن چىقىۋاتىدۇ. بۈگۈنگىچە خەلقئارادا بەش خىل تىل بىلەن 100 مىڭ دانە بېسىلىپ تارقىتىلدى.

بىزدە بۈگۈنگىچە دىنىي تەلىم ـ تەربىيەدىكى پۈتۈن ئۆلچەملەر ئومۇمەن مۇنداق بولۇپ كەلدى: ئوقۇغۇچىلارغا كۆپىنچە فىقھى مەسىلىلىرىنى ئوقۇتۇش. (بۇ ناماز، روزا ۋە تاھارەت قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). ئەمما ئاقائىدلار (ئەقىدە) توغرىسىدا تەلىم بېرىش نىسبەتەن ئاز بولدى. بۇ ئۇسۇلنىڭ نەتىجىسىمۇ دېگەندەك ئۈنۈملۈك بولمىغان. ئوقۇغۇچى بولسا، ئوقۇشنىڭ ئاخىرىغىچە ئىسلام دېگەن نېمە؟ بىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلىدۇ؟ ۋە نېمىشقا؟ ئىسلام ئەقىدىلىرىنىڭ ئىنسان ھاياتى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ ئەگەر بۇ ئەقىدىلەرگە بويسۇنۇپ ئەمەل قىلسا قانداق پايدىسى بار؟ ئەمەل قىلمىغاندا قانداق زىيانلىرى بار؟ ئىسلام پەقەت بۇيرۇق بىلەن بۇ ئەقىدىلەرگە بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلامدۇ؟ ياكى بۇلارنىڭ توغرا ۋە ھەق ئىكەنلىكىگە دەلىل- ئىسپات كۆرسىتەمدۇ؟ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى دىننى بىلىش ۋە ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. بۇلارنى زېھنىگە ئوبدان يەرلەشتۈرۈۋالمىغاندا، فىقھىنى ئۈگىتىشنىڭ ھېچ پايدىسى يوق. چۈنكى، ئىمان بولمىسا ئەھكاملارغا ئىتائەت قىلىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا، ئىمان- قائىدىلەرنى تولۇق چۈشەنگەندىلا ئاندىن مۇستەھكەملىنىدۇ.

شۇنىڭغا ئوخشاش، ناماز، روزا توغرىسىدىكى ئەھكاملارنى سۆزلەشتىن، ئىبادەت ۋە شەرىئەت ھۆكۈملىرىدىكى ھېكمەتنى چۈشەندۈرۈش تېخىمۇ مۇھىمراق. شۇنداق قىلغاندىلا، ئوقۇغۇچى چىن قەلبى بىلەن دىنىي ئەھكاملارغا بويسۇنۇپ، ئۇلارنى ئورۇنلاشقا تەييارلىنىدۇ. ناماز ئوقۇش تەرتىپلىرىنى ئۈگىتىش بولسا- ئالدى بىلەن ناماز ئوقۇشنى خالىغان كىشى ئۈچۈن پايدىلىقراق بولىدۇ.
ئەگەر بىر كىشى ئەزەلدىن ناماز ئوقۇشقا ھازىر بولمىسا، ئۇ كىشىگە ناماز ئوقۇشنىڭ تەرتىپلىرىنى ئۆگىتىشنىڭ نېمە پايدىسى؟ شۇنىڭ ئۈچۈن، ناماز ئەھكاملىرىنى بايان قىلىشتىن بۇرۇن، ئوقۇغۇچىلارغا ناماز دېگەن نېمە؟ بۇ سىزگە نېمە ئۈچۈن پەرز قىلىندى؟ نامازنىڭ پايدىسى نېمە؟ نامازنى تەرك قىلغاننىڭ زىيانلىرى نېمىلەر؟ شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا مەسىلىلەرنى ئالدى بىلەن قەلبىگە ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم.

ئۇندىن كېيىن تەپسىلاتلىرىنى بايان قىلغاندا پايدىسى بولىدۇ. بۇ قوللانمىنى يۇقىرىقى ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ يازدىم. شۇنىڭ بىلەن دىنىي تەلىم ئىشلىرىدا يېڭى بىر ئۇسۇل قوللىنىشقا تىرىشتىم. مېنىڭچە بۇ ئۇسۇل كونا ئۇسۇللىرىمىزغا ئوخشىمايدۇ. بولۇپمۇ، ھازىرقى زامان ئەھۋالىغا قارىغاندا بۇ ئۇسۇلنىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپ. بۇ ئەسىرىمدە قۇرئان كەرىم كۆرسەتكەن يول بىلەن مېڭىپ، ئۇنىڭ تەلىماتلىرىنىڭ بىر خۇلاسىسىنى تەقدىم قىلدىم.

ئاللاھتىن بۇ ئىشىمدا مەقسىتىمگە يەتكۈزۈشنى تىلەيمەن. بۇ رىسالە ئارقىلىق دىنىي تەلىم- تەربىيە ساھەسىدە تېخىمۇ پايدىلىق يېڭى بىر يول ئېچىلىدۇ دەپ ئىشىنىمەن.
ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدى

خاتالىقلاردىن خالى بولالمىغان بولىشىمىز مۇمكىن، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى تور بىكىتىمىزگە قالدۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

ھەمبەھىرلىشىش:
ئۈندىدار، دوستلار چەمبىرىكى، ئېلخەت، قىسقا ئۇچۇر، Facebook ۋە Twitter قاتارلىقلارغا يوللاشقا بولىدۇ.

iPhone Screenshots

(click to enlarge)

ئىسلام پىرىنسىپى screenshot 1 ئىسلام پىرىنسىپى screenshot 2 ئىسلام پىرىنسىپى screenshot 3 ئىسلام پىرىنسىپى screenshot 4

App Changes

  • June 07, 2014 Initial release
  • July 20, 2014 Price decrease: $1.99 -> FREE!