What's New

This app has been updated by Apple to use the latest Apple signing certificate.

يىڭى نەشىرىدىكى يىڭىلىقلار:
1. كۆرۈنمە يۈزى يىڭىلاندى. يىڭى ئۇقۇم يىڭى لايىھە قوشۇلدى.
2. ھەركەتچان تەتۈر ساناق ھالىتىگە ئاۋازلىق ئەسكەرتىپ تۇرۇش ئىقتىدارى قوشۇلدى
3.چەكلىمە ئاھاڭ مودىلى قۇرۇش بۆلىكى ۋە تاۋۇش كونترول بۆلىكى ئەلالاشتۇرۇلدى
4.ئاۋاز كونترول ھالىتىنى ئېچىش بۆلىكىگە ھەركەتچان ئۈنۈم قوشۇلدى
5.توربىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارى ئۆچۈرۈلدى،بۇنداق بولغاندا بۇ ئەپنى ئىشلەتكەندە ئازراقمۇ ئىقىم سەرپ بولمايدۇ،ئىقىم تىجىلىدۇ.
6. ئەپ ئىچىگە ئەپ تۈزگۈچىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرىلىشى قوشۇلدى
7.ئاۋاز كونترول ھالىتىدە تۇرۇپ تەتۈر ساناق ئارقىلىق رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارىنى ئېچىۋىتىپ تەتۈر ساناق تۈگىمەي تۇرۇپلا تارتىش بۇيرۇقى بىرىپ ئەپنى ئوڭ تەتۈر قىيناپ ئوينايدىغان ئەھۋالغا خاتىمە بىرىلدى
8.قۇلاق ئارقىلىق رەسىمگە تارتىش ھالىتىگە كىرگەندە ئاڭلىنىدىغان ئاۋازلىق سىگىنال ئەسكەرتمىسى ئۆچۈرۈلدى
9.پىراگراممىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى رەتلەندى ۋە ئەلالاشتۇرۇلدى
10. ئۇنىڭدىن باشقا بەزى خاتالىقلار تۈزىتىلدى
11.ئەپ سىتوردىكى ئەپ كۆرۈنمىسىگە قىسقا سىنلىق چۈشەندۈرۈش فىلىمى قوشۇلدى

App Description

ئەسسالامۇم ئەلەيكۇم، مۆھتەرەم ئايفۇن ،ئايپەد ئىشلەتكۈچى ئىسىلزادىلەر,قولۇڭلاردىكى ئايفۇن ئايپەد بولسا زامانىمىزدىكى ئەڭ ئىلغار،ئەڭ ئىسىل،ئەڭ داڭلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالاقە قورالى ۋە تاماششا ئۈسكۈنىسى بولۇپ،مۇشۇئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن مەخسۇس تەتقىق قىلىپ تۈزۈلگەن ئاۋاز ئارقىلىق يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان رەسىمگە تارتىش ئەپ دىتالى-رەسىمچىكنىڭ ئەڭ يىڭى نەشىرى-رەسىمچىك 2.0 نى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ كۆرۈشۈڭلارنى قارشى ئالىمىز.
رەسىمچىكنىڭ تۇنجى نەشىرى رەسىمچىك 1.1 ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان ئايفۇن ئايپەد ئابۇنتلىرىنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇپ سىتىۋىلىشىغا نائىل بولغان بولۇپ،ئىلگىرى ھەقلىق ئەپلەر بازار كۆرسەتكۈچىدە ئەڭ يۇقىرى يەككە سىتىلغان باھاسى 288 يۈەنگە، ئەڭ يۇقىرى بىكىتىلگەن يەككە باھا 2298يۈەنگە چىققان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلگىرى كىيىن بولۇپ بۇ ئەپنىڭ ئېنگلىزچە، تۈركچە، خەنسوچە،شىياڭگاڭچە نۇسخىلىرىمۇ ئەپ سىتورغا ئىلان قىلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ئەپ دىتاللىرى ئامېرىكا،ئەنگلىيە،فرانسىيە،ئاۋسترالىيە،شىياڭگاڭ،تەيۋەن....قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەت ۋە رايونلاردا مەلۇم نىسبەتتە سىتىلدى ۋە يەنە داۋاملىق سىتىلىۋاتىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا يىقىندا يەنە بىر تىل يىزىقدىكى نۇسخىسىىمۇ ئېلان بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئىدى.مانا مۇشۇنداق شارائىتتا كەڭ ئۇيغۇر قىرىنداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن بۇ ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى بىر يىڭىلاپ ئىشلەتكۈچىلەرگە تىخىمۇ كۆركەم تۇيغۇ بىغىشلاش مەقسىتىدە بۇ نەشىرى تۈزۈلۈپ تەييارلاندى
رەسىمچىك 2.0 نىڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:
1. ئاۋاز كونترول رەسىمچىك
بۇنىڭدا ئەپ ئىچىدىكى مىكرافۇن رەسىمىنى بىر بىسىۋەتكەندىن كىيىن
ئايفۇنىڭىز ياكى ئايپەدنى ئاۋازىڭىز يەتكۈدەك يىراقلىقتا قويۇپ تارت ياكى شوخە دەپ ۋارقىرىسىڭىز ياكى كۈچلۈكرەك بىر ئىسقىرتىپ قويسىڭىز بۇ ئەپ كەينى كامېرا ئارقىلىق سىزنى رەسىمگە تارتىپ قويىدۇ. بىرپارچە تارتىپ بولغاندىن يەنە ۋارقىرىسىڭىز يەنە تارتىپ قويىدۇ، ئەلۋەتتە تارتىپ بولغان رەسىم ئايفۇنىڭىزدا ساقلىنىپ ماڭىدۇ. ،
2. قۇلاق كونترول رەسىمچىك
يەنى بۇئەپنى قوزغىتىپ ئايفۇننى قۇلىقىڭىز يىنىغا ئەكەلسىڭىز كەينى كامېرادا قارشى تەرەپنى رەسىمگە تارتىپ قويىدۇ.
3. سىلكىمە كونترول رەسىمچىك
يەنى بۇ ئەپنى قوزغىتىپ ، ئايفۇننى بىرنى سىلكىپ قويسىڭىز ئالدى كامېرادا 5 سكۇنتتىن كىيىن سىزنى رەسىمگە تارتىپ قويىدۇ.
4. تەتۈر ساناق رەسىمچىك
يەنى بۇ ئىقتىداردا 15 سىكۇنتلۇق كەينى كامېرا، 30 سىكۇنتلۇق ئالدى كامېرا، 60 سىكۇنتلۇق كەينى كامېرا قاتارلىقلاردا ئاپتوماتىك تەتۈر ساناق ھالىتىدە رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارى بار بولۇپ، تەتۈر سانىلىۋاتقاندا چوڭ رەقەملىك سان ئىكراندا ھەرىكەتلىك كۆرۈنىدۇ شۇنداقلا بۇنىڭغا يىڭى نەشىرىدە ئاۋازلىق ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان ئىقتىدار قوشۇلدى.
5. ئاپتوماتسىز رەسىمچىك
بۇ ئادەتتىكى رەسىمگە تارتىش ئ‍ىقتىدارىدىن ئىبارەت.
يۇقارقى بۇ بارلىق ئىقتىدارلار سىزنىڭ ھەرخىل دوستلار يىغىلىشى، ئائىلە ئەزالار يىغىلىشى ۋە ئاشۇق-مەشۇقلار ئايرىم سىرتلارغا چىققىنىڭىزدا، ياكى ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشى ، خىزمەتداشلار ياكى يۇرتداشلار ئولتۇرۇشى قاتارلىق چاغلاردا سىزگە تولىمۇ بەك ئەسقاتىدۇ.
ئەگەر رەسىمگە تارتىش ئاۋازىنى ياكى تەتۈر سانىلىۋاتقاندىكى ئاۋازىنى چىقارمايمەن دىسىڭىز ئايفۇنىڭىزنى تىترەش ھالىتىگە تەڭشەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
6.بۇ ئەپ تۇنجى قاچىلانغاندا ئايفۇنىڭىزنىڭ رەسىم، مېكرافۇن،كامېرا ئىقتىدارلىرىنى ئېچىشىڭىز كىرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ،بۇ ئەسكەرتمىگە بولىدۇ دىگەن كۇنۇپكىنى بىسىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ، كىيىن ئىشلەتكىنىڭىزدە يەنە قايتا سورىمايدۇ.
7. سىستېمىلىرىدا تەتۈر ساناق سىلكىنىش (ios 6.0) ئايفۇن 4 ئەس
ئىقتىدارلىرى ئىشلىمەسىلىكى، بۇ ئىقتىدارلارنى ئاچقان ھامان ئەپ چىكىنىپ كىتىشى مۇمكىن. بىراق، ئاۋاز كونترول رەسىمچىك ۋە قۇلاق كونترول رەسىمچىك ئىقتىدارلىرى نورمال ئىشلەيدۇ.
شۇڭا ئەگەر ئىشلىتىۋاتقىنڭىز ئايفۇن 4 ئەس بولسا ئىمكانقەدەر يانفۇن نەشىرىڭىزنى ئەڭ يىڭى نەشىرگە ياكى 8.4 نەشىرىگە كۆتۈرسىڭىز تىخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيسىز.
رەسىمچىك سىزگە شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇكى:رەسىمچىكنى ئىشلىتىپ ياشلىقىڭىزدا پىچەت رەسىملەرگە چۈشۈڭدە قىرىغاندا ھوزۇر ئىلىڭ.
قىنى ئەمىسە رەسىمچىكنى ئامراق ئايفۇنىڭىزياكى ئايپەدلىرىڭىزگە قاچىلاپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ راسا بىر ھوزۇرىنى سۈرۈۋەتمەمسىز،شوخە، تارت دەپ تۇرۇپ تازا!.

iPhone Screenshots

(click to enlarge)

رەسىمچىك screenshot 1 رەسىمچىك screenshot 2 رەسىمچىك screenshot 3 رەسىمچىك screenshot 4 رەسىمچىك screenshot 5

iPad Screenshots

(click to enlarge)

رەسىمچىك screenshot 6 رەسىمچىك screenshot 7 رەسىمچىك screenshot 8 رەسىمچىك screenshot 9 رەسىمچىك screenshot 10

App Changes

  • September 22, 2015 Initial release
  • December 07, 2015 Price increase: $2.99 -> $3.99
  • January 26, 2016 Price increase: $3.99 -> $7.99
  • February 03, 2016 Price increase: $7.99 -> $27.99
  • February 03, 2016 Price increase: $27.99 -> $45.99
  • February 21, 2016 Price increase: $45.99 -> $299.99
  • March 06, 2016 Price decrease: $299.99 -> $45.99
  • March 08, 2016 Price decrease: $45.99 -> $7.99
  • March 14, 2016 Price increase: $7.99 -> $12.99
  • March 15, 2016 Price decrease: $12.99 -> $7.99
  • July 11, 2016 New version 2.0
  • July 11, 2016 Price decrease: $7.99 -> $3.99
  • July 17, 2016 Price increase: $3.99 -> $349.99
  • July 19, 2016 Price decrease: $349.99 -> $3.99
  • June 14, 2019 Price decrease: $3.99 -> $0.99
  • June 15, 2019 Price decrease: $3.99 -> $0.99
  • June 15, 2019 Price decrease: $3.99 -> $0.99
  • June 15, 2019 Price decrease: $3.99 -> $0.99
  • June 16, 2019 Price decrease: $3.99 -> $0.99
  • July 03, 2019 Price increase: $0.99 -> $349.99
  • August 17, 2019 Price decrease: $349.99 -> $2.99
  • September 05, 2019 Price decrease: $2.99 -> FREE!

Other Apps From Abdurahman Turhun

sihriqut 声控照相 Voice Camera - Voice Control Camera 聲控相機 Resim Çek بۇلبۇلگويا UYGHUR TARJIMAN